• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


كاۋاۋىچىن
4551 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
ئۇيغۇر تىبابىتى ئوت - چۆپ دورىلار تۈر تەۋەلىكى : تىببى دەستۇر ئۇيغۇر تىبابىتى مەنبە :

كاۋاۋىچىن 花椒


ئۇيغۇرچە نامى كاۋاۋىچىن
ئەرەبچە نامى فاغىيرە
ئىنگلىزچە peppertree prickly ashpeel
تەمى تەمى ئاچچىق، پۇرىقى كۈچلۈك
خەنزۇچە ئاتىلىشى Hua jiao 花椒
پارسچە نامى كىباب چينى
ئوردۇچە نامى كىباب چينى
تەبىئىتى

ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسىق


قۇرۇتۇلمىغان شاختىكى كاۋاۋىچىنكاۋاچىچىن ئۆسۈملۈكىنىڭ مېۋىسىنىڭ پوستى، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى «كابابە خەندان» «كاۋاۋى چىنى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئائىلىسى

 سوزاپ ئائىلىسىدىكى كىچىك ياغاچ غۇللۇق كاۋاچىچىن ئۆسۈملۈك

چىقىش ئورنى

ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەم ھىندىستان، ياۋرۇپا قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

شەكلى

مېۋىسىنىڭ كۆپىنچىسى يەككە ئۆسكەن بولۇپ، تېشى بىنەپشە رەڭدە، كۆپ ساندا تارقاق سۆگەلسىمان كۆتۈرلۈپ چىققان ماي نۇقتىلىرى بار.

دورىلىق ئورنى 

مېۋىسىنىڭ پوستى

ئۈنۈملۈك تەركىبى

كەبابى خەنداننىڭ تەركىبىدە %1~%9 ئۇچۇچان ماي بار. مېيىنىڭ ئاساسى تەركىبى لىمۇننىن  (Limonene) كونىكالىكوھول 

 (cunicalcohoc) گىرانىئول(Graniol) دىن ئىبارەت.

چىش ئاغرىقى، ئېغىز پۇراش، ھەزىم ناچارلىشىش، يۈرەك، مېڭە ئاجىزلىقى، ئاشقازان جىگەر كېسەللىكلىرى ئىستىرخا سوغۇق يەل كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىش، چاچنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان جىگەرنى قۇۋۋەتلەش يەل ھەيدەش، يەل تارقىتىش، قورۇش، تۇتۇش، چىڭىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش ھەزىمنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش.

ئورۇنباسارى

ئاقىر قەرھا، كابابە

ئەكىس تەسىرى

دوۋساققا زىيانلىق، يانپاش ئاغرىقى پەيدا قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

نىلۇپەر، مەستىكى، سەندەل، قىزىلگۈل

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

زەرۇرى قىلائى

گىرانسولنىڭ كىچىك دورىسى چوڭ چاشقاننىڭ ئۆزلىگىدىن ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى تورمۇزلايدۇ. چوڭ مىقدار دىكىسى ئۈچەي ھەرىكىتىنى تورمۇزلايدۇ. ئۆلتۈرۈش مىقدارىغا بارغاندا ئىچىنى سۈرىدۇ. ئاز مىقداردا ئىچكۈزسە چوڭ چاشقان يەڭگىل دەرىجىدە سىيىدۇ. كۆپ مىقداردا ئىچكۈزسە سۈيدۈك تورمۇزلىنىدۇ.

1.موزا 3 گرام، كاۋاۋىچىن 2 گرام ئىلىپ، سوقۇپ سۇپۇپ تەييارلاپ چىش ئاغرىقىغا زىماد قىلسا چىش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ. 

2.كاۋاۋىچىننى قايناقسۇغا چىلاپ، سۈزۈپ سۈيىدە غەر-غەر قىلسا ئېغىز پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ . 

3.كاۋاۋىچىن كۇندۇر، مەستكى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ، سۇپۇپ تەييارلاپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە ئاشقازان يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مىقدارى

2~3 گىرامغىچە

مېۋىسى پىشقاندا يىغىۋىلىنىپ، قورغاق جايدا ساقلىنىدۇ.[0]


يىڭى يوللانغان تەۋسىيەلىك يازمىلار
ئاۋات دورىلار
ئاۋات يازمىلار
23778 بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى كېسەلل
19410 ئاق خۇن توغرىسىدا چۈشەنچە
17937 بالىياتقۇ بوينى راكى كىسەللىكىن
14104 بالياتقۇ بوينى زىدىسى. (قىروھىرە
13122 تامچە قۇرۇتلۇق جىنسى يول ياللۇغى
12638 بالىياتقۇ راكى كېسەللىكى (بالىي
11807 تامچە قۇرۇت خاراكتىرلىك جىنسى ي
9749 بالياتقۇ سىرتىدىكى ھاملىدارلىق
9236 تۇغماسلىق (ئوقرە)
8957 ئاياللاردىكى ھارغىنلىق يۈرەك كې
8504 بالىياتقۇ بوينى راكى. (سەرتانى ر
8434 داس بوشلىغى ياللۇغى .
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .