قەلەمپۇر 丁香
خەنزۇچە نامى : 丁香
ئىنگىلىزچە نامى : Colve
بۇ مىر تە ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى 10 - 20 مېتىرغىچە دائىم ئۆسىدىغان ، دائىم ياشىرىپ تۇرىدىغان ‹دەرەخ ›قەلەمپۇرنىڭ غۇنچىسى بولۇپ ، بۇ دەرەخنىڭ غۇنچىسى ‹قەلەمپۇر› نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ ، تەمى ئاچچىق ، مەززىلىك ، خۇش پۇراق كېلىدۇ ،
خىمىيلىك تەركىبى : گۈل غۇنچىسىدا 15 - 20 % ئۇچۇچان ياغ ، يەنى قەلەمپۇر مېيى بار ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئېۋگېنول بولسا ، ئۇچۇچان ماينىڭ 18 - 95 % نى ئىگىلەيدۇ ، گۈلنىڭ تەركىبىدە رامنېتىن ، كېمپىفېرول ، ئېۋگېنتىن قاتارلىق فلوۋونلار بار ،
تەبىئىتى : ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خۇسۇسىيتى : ئاشقازان ۋە ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش ، تىنىچلاندۇرۇش ، تېرىنى قىزارتىش ، قاننى قىزتىش ، خۇشبۇي قىلىش ، ھەزىمنى ياخشىلاش ، ئىشتىھانى ئېچىش ، چىرىشكە قارشى تۇرۇش ، يەل تارقىتىش ، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش ، يۈرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش ، ئىششىق ياندۇرۇش ، باھنى قۇۋۋەتلەش
ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : ھەزىم بۇزۇلۇش ، قورساق ئېسىلىش ، ئىشتىھاسىزلىق ، قۇسۇش ، كۆڭۈل ئېلىشىش ، ھېق تۇتۇش ، چىش ئاغرىقى ، مېڭە ۋە يۈرەك ئاجىزلىقى ، باھ ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ ،
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ;1- قەلەمپۇرنى تاماققا سالسا تاماقلارنى خۇشبۇي قىلىدۇ ، قورساق ئېسىلىشنى يۇقىتىدۇ ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينى قۇۋۋەتلەپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ
2 - قەلەمپۇرنىڭ سۇپۇپىدىن بىر يېرىم گرامنى يىڭى سېغىلغان سۈت بىلەن ئىچسە باھنى قوزغايدۇ
3 - قەلەمپۇردىن ئىككى گرام ، خورمىدىن ئۈچ گرام ، ئادەمگىياھدىن ئۈچ گرام قۇرۇق زەنجىۋىلدىن ئىككى گرام ئېلىپ 200 گرام سۇ بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ئۇزۇن داۋام قىلغان ھېق تۇتۇشنى توختىتىدۇ ،
ئىشلىتىش مىقدارى : 4 - 10 گرام
زىيانىلىق تەسىرى ; ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە ، بۆرەككە ۋە ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ
تۈزەتكۈچىسى : سەمغى ئەرەبى
ئۇرۇنباسارى : دارچىن ، بەسباسە ، جۇزبوۋا
چىقىش ئۇرنى : ئىسسىق بەلۋاغ رايۇنلىرى ھەم ئېلىمىزنىڭ گۇڭدوڭ ، خەينەنداۋ ئۆلكىلىرىدىن چىقىدۇ ،
پىششىق دورا ياسالمىلىرىدىن : جاۋارىش شەھرىيان ، جاۋارىش جالىنۇس
|