ئۇيغۇر تېبابىتى باش ۋىراچى مەمەت سالىھ ماڭسۇر ئۇ 1956 - يىلى 1 - ئايدا قاراقاش ناھىيسىنىڭ ئاقساراي يېزا قۇمباغ كەنتىدە مەشھۇر تېۋىپ مەنسۇر ھاجى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، 1962 - يىلدىن 1970 - يىلغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ، 1970 - يىلدىن 1975 - يىلغىچە دادىسى مەنسۇر ئۇستاز تۇتۇپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىنى ئۈگەنگەن 1975 - يىلى ئاقساراي يېزىلىق دوختۇرخانا تەرىپىدىن تەكلىب قىلىنىپ دادىسىنىڭ شاگىرتى سۈپىتىدە دوختۇرخانا ئۇيغۇر تىبابەت بۆلۈمىنىڭ دورا تەييارلاش ئىشلىرىنى ئىشلىگەن ، 1982 - يىلى ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان ، 1983 - يىلدىن - 1984 - يىلى 7 - ئايغىچە ئاقساراي يېزىلىق دوختۇرخانىدا تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قۇرۇپ تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش جەھەتتە زور نەتىجە قازانغان ، 1984 - يىلى ئۆزىنىڭ بىلىم تەجىربىسى ۋە خىزمەتتىكى تۆھپىسىگە ئاساسەن ، قاراقاش ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىغا تەكلىب قىلنىپ ھازىرغىچە شۇ دوختۇرخانىنىڭ ئاساسلىق مۇتەخخەسسىسى ، شىنجاڭ تىببى ئۇنۋېرستېتىنىڭ تەكلىبلىق پىروفىسورى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىنىڭ تەكلىبلىق پىروفىسورى ، قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە ، ئۇ ئۆز تەجىربىلىرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ئون نەچچە پارچە ئىلمىي ، نەزەرىيۋى ماقالە يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان ، ئۇ يەنە‹‹ مەشھۇر تېۋىپ مەنسۇر سىناقتىن ئۆتكۈزگەن رېتسىپلار ›› ناملىق كىتابنى شىنجاڭ سەھىيە نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان
مەمەتسالىھ ماڭسۇر شاگىرت تەربىيلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ شىپاخانىدىكى ياش تېۋىپلارنى تەربىيلەش بىلەن بىرگە ، ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى ھەم جەمىيەتتىكى ياشلارنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىپ يىتىشتۈرگەن ، ئۇلار ھازىر ئۆزىگە تىگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چوڭ - كىچىك تىپتىكى شىپاخانىلارنى قۇرۇپ ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا
ھازىر قاراقاش ناھىيە نەزەر ئۇيغۇر تىبابەت غەرىب تىبابەت بىرلەشمە ئۇنۋېرسال دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم دوختۇرخانا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە
    
|