• 1
  • 2
  • 3
  • 4
ھەزىم قىلىش سىستىمىسى بالىلار كېسەللىكلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەرلەر كېسەللىكلىرى يۈرەك - قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلەر مىزاج ۋە خىلىت
ئوزۇقلۇق ئىلمى دورىگەرلىك ئىلمى تىبابەت نەزىرىيىلىرى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى تېرە كېسەللىكلىرى تاشقى كېسەللىكلەر نەپەس يولى
ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن مۇرەككەپ دورىلار ھېكمەتلەر پىسخېكا بىلىملىرى ساغلاملىق بىلىملىرى شىپالىق رېتسىپلار جىنسىيەت بىلىملىرى

   


سالامەتلىكنى ساقلاشتا زۆرۈر بولغان تازىلىق
11268 ئاۋاتلىقى : تىببىي دەستۇر يوللىغۇچى :
مىزاج ۋە خىلىت تۈر تەۋەلىكى : 2014-04-21 يوللانغان ۋاقتى :

                            

سالامەتلىكنى ساقلاشتا زۆرۈر بولغان ئامىللارنىڭ يەنە بىرى، جىسمانىي تازىلىق مەسىلىسىدۇر. ئادەم بالىسى ئۆز ھاياتىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئىپتىدائىي زاماندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئۆز بەدىنىگە يات بولغان نەرسىلەردىن قوغدىنىپ ئۆز نەسلىنى ساقلاپ كەلگەن. قەدىمكى ئىنسانلار ئۆز ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ ۋە نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن كۈرەش قىلىپ دۇنيانى ئىگىلەشكە مەجبۇر بولغان بولسا، ھازىر ئۆزىدىن نەچچە مىليون ھەسسە كىچىك بولغان مىكروبلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆز ھاياتىنى قوغداۋاتىدۇ. ئىنسانلار چوڭ ۋەھشىي ھايۋانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ خاتىرجەم بولغان بولسىمۇ، ئەمما كىچىك جانلىقلار − مىكروبلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ خاتىرجەم بولغىنى يوق، بۇ كۈرەش يەنە داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ كۈرەشنىڭ غەلىبە قىلىشىدا تازىلىققا رىئايە قىلىش بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۆتمۈشتىكى تارىخىي ۋەقەلەردىن قارىغاندا، تازىلىققا رىئايە قىلىپ، بۇلغىنىشىغا قارشى تۇرغانلار كېسەللىكلەرگە ئاز ئۇچرىغان ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن.

جىسمانىي تازىلىق بەدەننى پاك تۇتۇش، كىيىم − كېچەكنى پاك تۇتۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ، ئادەمنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر.

يۇيۇنۇش مۇرەككەپ ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشكە ئىگە ئادەم تېرىسى ۋە بەدىنى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۆتەيدۇ. تېرە ئۈچ قەۋەتتىن (سىرتقى تېرە، ھەقىقىي تېرە، ۋە تېرە ئاستى ھۈجەيلىرىدىن) تۈزۈلگەن بولۇپ، تۈكلەر بىلەن قاپلانغان. ئۇنىڭدا ياغ ۋە تەر بەزلىرى بولۇپ، تېرە يۈزىگە ناھايىتى نۇرغۇن ئۇششاق تۆشۈكچىلەر مەساملارئېچىلغان. تېرىنىڭ تەبىئىي خىزمىتى تەر ئاجرىتىش، ياغ ئاجرىتىش، نەپەس ئېلىش، سۈمۈرۈش، ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇشلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ، بەدەننى تاشقى مۇھىتنىڭ مېخانىك ۋە خىمىيىلىك تەسىرلىرىدىن قوغدايدۇ ۋە بەدەنگە تېرە ئارقىلىق جاراسىم)مىكروب لارنىڭ كىرىشىدىن مۇداپىئە قىلىدۇ.

تېرىنىڭ بىر كۋادرات مىكرومېتىر كېلىدىغان ئورنىدا 003 گە يېقىن مەسام تۆشۈكبار. بىر كېچە − كۈندۈزدە ئادەم بەدىنىدىن تېرە ئارقىلىق 003 دىن 005 گرامغىچە تەر ئاجرىتىپ چىقىرىلىدۇ. بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشتىن ھاسىل بولىدىغان بىر قىسىم زەھەرلىك ماددىلارمۇ تەر ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. كىشى تەرلىمىگەندەك تۇرسىمۇ، تەر ۋە ياغلار داۋاملىق چىقىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، بەدەن ۋە كىيىملەر سىرتقى تېرىنىڭ ئۆلگەن ھۈجەيرىلىرى، تەر ۋە ياغ بەزلىرىنىڭ چىقىرىندىلىرى، كىرلار، مىكروبلار بىلەن دائىم پاسكىنلىشىپ تۇرىدۇ. تېرىنى پات − پات يۇيۇپ تازىلاپ تۇرمىغاندا تېرە تۆشۈكلىرى پاسكىنچىلىقلار بىلەن بۇلغىنىپ توسۇلۇپ قالىدۇ − دە، چىقىپ كېىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر چىقىپ كېتەلمەي، ئۆپكە، بۆرەكلەرنىڭ خىزمىتى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىچىشقاققوتۇر، تىلما، چىقان، تەمرەتكە، زامبۇرۇغلۇق تېرە كېسەللىكلىرى، تېرە راكلىرى سادىر بولىدۇ. پاسكىنىلىقتىن پىت پەيدا بولۇپ، كېزىك ۋە باشقا كېسەللەر تۇغۇلىدۇ ۋە تارقىلىدۇ.

ئادەم تېرىسىنىڭ پۈتۈن يۈزىدە مەسام دېگەن تۆشۈكچىلەرنىڭ بارلىقىنى، بىر مىكرومېتىر ئورۇندا 300گە يېقىن تۆشۈك بارلىقىنى ۋە بۇ تۆشۈكلەر ئارقىلىق ھەرخىل تەر، ياغ ۋە زەھەرلىك نەرسىلەرنىڭ چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى، تەخمىنەن 42 سائەت ئىچىدە 300~500 گرامغىچە تەر چىقىدىغانلىقىنى، ئادەم تەرلىمىگەندەك سېزىلسىمۇ ئۇ داۋاملىق چىقىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن بەدەن ۋە كىيىم − كېچەكلەر كىرلىشىپ تۇرىدۇ. بەزى زەھەرلىك ماددىلارمۇ تەر ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ. ئەگەر بەدەننىڭ تېرىسى پات − پات تازىلىنىپ تۇرۇلمىسا ئۇنىڭ بەدەندىكى تۆشۈكلەر ئېتىلىپ قېلىپ، چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك بولغان زىيانلىق سۇيۇقلۇقلار چىقىپ كېتەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن بىر نەچچە خىل ئىللەتلەر تۇغۇلىدۇ. بەدەندە پىت پەيدا بولىدۇ. پىت كېزىك تارقىتىدۇ. مەساملار توسۇلۇپ بەدەندىن سىرتقا چىقالمىغان زەھەرلىك تەر قانغا قايتا سۈمۈرۈلسە، قاننىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەدەندىن سېسىق پۇراق كېلىدۇ. تېرە قىچىشىش ۋە تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم تەبىئىتى زۇكام ۋە نەزلىگە يېقىن بولۇپ قالىدۇ. ئادەمنىڭ تېرىسى بەدەندىن سۇيۇقلۇق چىقىرىش، يەنى تەرلەش خىزمىتىنى ئوبدان ئېلىپ بارالمىسا، ھەتتا سۈيدۈك بىلەن زەھەرلىنىش، مۇپاسىل، رىماتىزم، بۇغۇم ئۆسمىسى، ئىچى سۈرۈش ۋە قىزىش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەدەننىڭ سىرتقى يۈزىنى داۋاملىق يۇيۇپ تازىلاپ تۇرۇش كېرەك. يۇيۇنغاندا ھەمىشە پاكىز ۋە سۈزۈك سۇ ئىشلىتىش لازىم. يۇيۇنغان چاغدا بەدەننى ئوبدان سۈرتۈش ۋە ئىشقاش كېرەك. ئىسسىق كۈنلىرى ھەر كۈنى بىر − ئىككى قېتىم سوغۇق سۇ ۋە سوپۇن بىلەن ئوبدان يۇيۇپ سۈرتۈپ تۇرۇشنىڭ پايدىسى جىق. ئەگەر ھەر كۈنى يۇيالمىسىمۇ ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم يۇيۇنۇش، ئەڭ ياخشىسى سوپۇن ئىشلىتىش كېرەك. يۇيۇنغاندا رېزىنكە بۇلۇت ياكى لۆڭگە قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن بەدەننى ئوبدان ئىشقاش لازىم. بەدەننى ئوبدان ئىشقاشلىمىسا مەساملار ياخشى ئېچىلمايدۇ. شارقىرىتىپ سۇ قويۇش بىلەنلا يۇيۇنغان بولمايدۇ. ئوبدان يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، پاكىز ۋە يۇمشاق لۆڭگە بىلەن بەدەننى سۈرتۈش كىرلاشقان، پاسكىنا لۆڭگىلەرنى ھەرگىز ئىشلەتمەسلىك لازىم. يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ئىمكانقەدەر پاك ۋە قۇرۇق كىيىم كىيىش كېرەك. باشقىلار ئىشلەتكەن لۆڭگىنى ھەرگىز ئىشلەتمەسلىك لازىم. ئېقىن دەريا ۋە ياكى كۆللەردە يۇيۇنغاندا، ئۇنىڭ سۈيى بىلەن ئېغىز − بۇرۇنلارنى چايقىماسلىق، ئۇ يەردىن چىقىپ باشقا سۇ بىلەن چايقاش كېرەك. كۆپچىلىك سۇ ئىچىدىغان ئېرىق − ئۆستەڭ، كۆللەردە يۇيۇنماسلىق لازىم. بولمىسا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارىلىش خەۋپى بار. شۇنىڭدەك لاي سۇ، تۇز سۈيى، قومۇشلۇق ۋە سازلىقلاردا توپلىشىپ قالغان، قۇرۇت ۋە ھاشاراتلار پەيدا بولغان سۇلاردا ھەرگىز يۇيۇنماسلىق كېرەك. يۇيۇنۇش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋاقىت ئەتىگەنلىك تاماقتىن ئىلگىرى ياكى شامدىن كېيىن تاماقتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتتۇر. ئەگەر ئۇنداق ۋاقىت چىقمىسا ھەرقانداق ۋاقىتتا يۇيۇنسىمۇ بولىدۇ. لېكىن تاماق يەپ بولغاندىن كېيىنلا يۇيۇنۇش ئانچە ياخشى ئەمەس، ئاشقازاندا ھەزم بولمىغان تاماقلارنىڭ ھەزم بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە ھەزم خىزمىتىنى بۇزىدۇ. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئاز دېگەندە، تۆت سائەتتىن كېيىن يۇيۇنسا بولىدۇ. ئەقلىي ئەمگەك ياكى جىسمانىي ھەرىكەتلەردىن كېيىنلا يۇيۇنۇش ياخشى ئەمەس، كەچتە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى سۇغۇق سۇ بىلەن يۇيۇنسا ياكى بەدەننى لۆڭگىدە سۈرتۈلسە ئۇيقۇ ئوبدان كېلىدۇ. پۈتۈن بەدەننى يۇيالمىغان تەقدىردىمۇ ئاخشامدا ئىلمان سۇ بىلەن پۇتىنى يۇيۇپ يېتىش پايدىلىق.

تېنى ساغلام ياش ئادەملەر ھەرقانداق پەسىلدە سۇغۇق سۇ بىلەن يۇيۇنسا ياخشى بولىدۇ. سۇغۇق سۇ بىلەن يۇيۇنۇش بەدەندىكى ھارارەتنى پەسەيتىدۇ. يۈرەككە خۇشاللىق كەلتۈرىدۇ. مېڭە ۋە ئەسەبلەرگە ئارام بېرىدۇ. بەدەننى چېنىقتۇرۇپ ھاۋانىڭ ھەرخىل ئۆزگىرىشلىرىگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئوڭاي زۇكامداشتىن ساقلايدۇ. ئەمما سۇغۇق سۇ بىلەن يۇيۇنغاندا، بەدەندىكى كىر ۋە تەر ماددىلىرى ئوبدان تازىلىنالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ھەمىشە سوپۇن ئىشلىتىش كېرەك. ئەمما قىش كۈنلىرى بولۇپمۇ تېنى ئاجىز ئادەملەر، قېرىلار، ھامىلدارلار، رېماتىزم كېسىلى بارلار سۇغۇق سۇدا يۇيۇنۇشتىن پەرھىز قىلىشلىرى لازىم ۋە ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇشى كېرەك. بەزى ئادەملەردە سۇغۇق سۇ بىلەن يۇيۇنغاندا تېرە يۈزىدە قىزىرىش ۋە ئېچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. ئەمما ئازراق مۇددەتتىن كېيىن ئوڭلىنىپ كېتىدۇ. سۇغۇق سۇنىڭ ھارارىتى +12~24قىچلىك بولۇشى كېرەك. ئ−ادەتتىكى سوغۇق سۇنىڭ ھ−ارارەت دەرىجىسى  +24~27 قىچىلىك، مۆتىدىل بولسا  +29~32 قىچە بولۇشى لازىم. بەك سۇغۇق سۇدا يۇيۇنغاندا يەتتە مىنۇتتىن ئارتۇق يۇيۇنماسلىق، نورمال ھالەتتىكى سۇدا 15~10  مىنۇتتىن ئارتۇق يۇيۇنماسلىق لازىم. سەل ئىلمان سۇ (+34~35) دا يۇيۇنۇش ئەسەبىي مىجەز ئادەملەرگە ۋە سوغۇق سۇدا يۇيۇنالمايدىغانلارغا توغرا كەلمەيدۇ. ئەگەر سۇنىڭ ھارارىتىنى ئاستا − ئاستا تۆۋەنلىتىلسە، سوغۇق سۇ تەسىرىنى بېرىدۇ. نورمال سۇدا غۇسلى قىلىش ھەرقانداق پەسلى ۋە ھەرقانداق ياشتا ياخشى. لېكىن يۇيۇنۇش ۋاقتى  20 ~ 15  مىنۇتتىن ئاشماسلىقى كېرەك. يۇيۇنغاندا ۋاننا ئىچىدە ئۇزۇن تۇرۇۋېلىش ياخشى ئەمەس، چۈنكى سۇ پۇت − قولنى بوشاشتۇرۇپ قان ئايلىنىشنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ. سۇپۇن مازغىپى ۋە كىر چىققان سۇلارنى تەكرار ئىشلىتىۋەرمەستىن يەڭگۈشلەش كېرەك. ئەڭ ئاخىرىدا بەدەننى پاك سۇ بىلەن ئوبدان سۈرتۈپ چايقىۋېتىش لازىم. ھارارەت دەرىجىسى  +35~36 بولغاندا يۇيۇنۇشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمگە چىقىپ قالىدۇ. ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇنۇش ھاردۇقنى كەتكۈزىدۇ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. ئاجىزلار ۋە قېرىلار ئۈچۈن ياخشىراق، سەزگۈرلۈك ۋە نېرۋا قوزغىلىشنى پەسەيتىپ ئۇيقا كەلتۈرىدۇ. بولۇپمۇ ئەسەبىي كېسەللىكلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى. لېكىن بۇنداق سۇدا 51 مىنۇتتىن ئارتۇق تۇرماسلىق لازىم. قىزىق سۇ  +36~40 ئارىلىقتىكى سۇ قان ئايلىنىشنى ۋە نېرۋا سىستېمىسى ۋە نەپەسلىنىشنى ۋە تومۇر ھەرىكىتىنى تېزلەشتۈرىدۇ. بىر ئاز جىددىيلىك پەيدا قىلىدۇ. قىزىق سۇ بىلەن غۇسلى قىلىپ بولغاندىن كېيىن كۆپرەك تەرلەپ تەبىئەت ئاجىز ۋە سۇس بولۇپ قالىدۇ. قان مىجەز ئادەملەر، يۈرىكى ئاجىز ئادەملەر، قان تومۇرى قاتقان ئادەملەر، بوۋاسىرى بارلار، بۇرنى قانايدىغان، قان تۈكۈرىدىغان، ئىسسىتتىمىلىق ئادەملەر قىزىق سۇ بىلەن يۇيۇنماسلىقى كېرەك. ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇنغاندا 7~5 مىنۇتتىن ئارتۇق يۇيۇنماسلىق لازىم. سۇ بىلەن بەدەن تازىلاش دېگەندە بەدەننىڭ كىيىم بىلەن قاپلانغان قىسمىنى، ھەممىدىن مۇھىم ھەمىشە ئوچۇق تۇرىدىغان پۇت، قول، يۈز قاتارلىق ئەزالارنى يۇيۇپ تازىلاپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى بۇ ئەزاغا شامال، توپا − چاڭ ۋە ھەرخىل خىمىيىۋى ماددىلار، بۇس − بۇخارلار، تۈتەكلەر بىۋاسىتە تېگىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ زاۋۇت، كارخانا، كۆمۈر خاڭلىرى ۋە نېفىت كانلىرىدا ئىشلەيدىغان ئىشچىلار، بۇنداق ھادىسىلەرگە بىۋاسىتە ئۇچراپ تۇرىدۇ. تېرە كېسەللىكلىرىدىن ساقلىنىش، يۈزىنىڭ ۋە تېرىنىڭ سىلىق ۋە يۇمشاقلىق سۈپىتىنى ۋە رەڭگىنى ساقلاش ئۈچۈن، بۇنداق ئەزالارنى كۈندە بىر نەچچە قېتىم يۇيۇش لازىم. لېكىن يۇيۇنىدىغان سوپۇننى تاللاش، مەخسۇس بەدەن يۇيىدىغان سوپۇن ئىشلىتىش، كىر سوپۇنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاھاك، شاخار ۋە ھەرخىل باشقا ماددىلار بولىدۇ. بۇ نەرسىلەر تېرىگە زىيانلىق ھەتتا چاچنى چۈشۈرۈۋېتىشىمۇ مۇمكىن. شۇنىڭدەك سوپۇنلارنىمۇ تولا سۈرتمەسلىك، قاتتىق ئىشقاپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. كۈندىلىك ئادەتلەردە تاماقتىن كېيىن قولنى سوپۇنلاپ يۇيۇش  ۋە ئېغىزىنى سۇ بىلەن چايقاش كېرەك. چوڭ تەرەتتىن كېيىن سۇغۇق سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلىش ناھايىتى پايدىلىق. بۇ ئارقىلىق بۇۋاسىر ۋە مەقئەت كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ياز كۈنلىرى كەچتە باشنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇش ناھايىتى پايدىلىق، بىراق تاماقتىن كېيىنلا باشنى يۇسا بولمايدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، پار مۇنچىسىدا يۇيۇنۇش دورا سۈيى بىلەن يۇيۇنۇش، دېڭىز سۈيى، تۇز كۆللىرى، شاقىراتما سۈيىدە يۇيۇنۇش، ھەرخىل ئارشاڭ − بۇلاقلاردا يۇيۇنۇش قاتارلىق يۇيۇنۇشلارمۇ بار. بۇلار ھەققىدە بىز داۋالاش بابىدا سۆزلەيمىز. باشنىڭ چېچىنى كەم دېگەندە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم سوپۇن بىلەن ئوبدان يۇيۇش، يۇيۇپ تازىلاپ بولغاندىن كېيىن چاچ مېيى بىلەن مايلاش، ھەركۈنى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم تاغاق سېلىش، چاچنى داۋاملىق پاكىزە تۇتۇش لازىم. باشقا ئادەمنىڭ تاغىقىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. باشنى يۇيغاندا، تازىلىغاندا باشنىڭ تېرىسىنى قاتتىق تاتىلاپ زېدە قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

چاچ چۈشۈرگەندەئۇستىرا ۋە سايمانلار ناھايىتى پاك ۋە ئىتتىك بولۇشى لازىم. ئىمكانقەدەر توك ماشىنىسى بىلەن چۈشۈرۈش كېرەك. ئەمما ساقال ۋە يۈزنى قىرغاندا بەك قىرماسلىق ۋە تېرىنى زېدىلەندۈرۈپ قويماسلىق لازىم. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا، جاراسىملار كىرىشكە يول ئېچىپ تۈك خالتىلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشى ۋە ساقال تەمرەتكىسى، دانىخورەكلەر پەيدا بولىدۇ. بۇرۇننىڭ تۈكى ۋە قۇلاق تۈكلىرىنى مۇمكىن قەدەر قىرماسلىق لازىم.  سىرتتىن زىيانلىق نەرسىلەرنى تۇتۇپ قالىدۇ.

چىشنى تازىلاش: چىشنى تازىلاش ئۈچۈن يۇمشاق مىسۋاك ياغىچى ۋە يۇمشاق تۈكلۈك چوتكا ئىشلىتىش كېرەك. لېكىن تازىلىغان ۋاقىتتا مىسۋاك ياغىچى، چوتكىلار چىش مىلىكىنى زېدىلەندۈرمەسلىكى كېرەك. باشقا كىشى ئىشلەتكەن چوتكىنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. تاماق يېگەندىن كېيىن ئېغىزنى ئوبدان تازىلاپ يۇيۇش ئىنتايىن مۇھىم. پاكىز ياغاچتىن ياسالغان چىش كولىغۇچلار بىلەن چىش ئارىلىقىغا كىرىپ قالغان تاماق قالدۇقلىرىنى چىقىرىۋېتىش مۇمكىن، ئەمما چىش تۈۋىنى قاناتماسلىق، پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن ھەرگىز چىش كولىماسلىق لازىم.  چىشنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئازراق تۇز سۈيى بىلەن ئېغىزىنى چايقىۋېتىش پايدىلىق. بۇ ئىشلارغا رىئايە قىلمىغاندا ھەرخىل ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى، ئېغىز پۇراش، چىشلارنىڭ بۇزۇلۇشى، چۈشۈشى، ئاغرىشى ۋە سارغىيىپ قېلىشى قاتارلىق ئىللەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.

تىرناق: ئۆسكەن تىرناقنى ۋاقتىدا ئېلىپ تۇرۇش ۋە تىرناق ئاستىدا كىر توختاتماسلىق كېرەك. لېكىن تىرناق ئالغاندا تىرناق ئاستى گۆشىنى زېدىلەندۈرمەسلىك كېرەك.

خەتنە قىلىش: ئوغۇل بالىلار 7 ~ 8 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا خەتنىلىك تېرىنى ئازراق كېسىپ تېرىنى ئارقىغا قايتۇرۇپ قويۇش خەتنە قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق قىلىش خەتنىلىكنىڭ ئىچىگە كىر توشۇپ قېلىپ ياكى خەتنىلىك تېرە قىسىۋېلىپ ھەرخىل ئىللەتلەرنى، جۈملىدىن ئەرلىك ئالەت راكى سادىر بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھازىرقى تەتقىقاتلار خەتنە قىلىدىغان مىللەتلەردە ئەرلىك ئالەت )زەكەر( راكى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

 

تىببىي دەستۇرئۇيغۇر تىبابەت ئۈنۋېرسال تورى


تور دۇكىنىمىزدىكى تەۋسىيەلىك دورىلار
رەسىملىك يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
29897 ئۆزىڭىزنىڭ قايسى مىزاجغا تەۋە ئ
26530 ئەرلەر جىنسى ئاجىزلىق كېسەللىكى
19020 زەنجىۋىل ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە
17542 ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى شىپالىق رېت
15051 يۈرەكنى ئاسراش پىرىنسىپلىرى
13563 قان قەنتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۇسۇل
11268 سالامەتلىكنى ساقلاشتا زۆرۈر بول
9862 ئۇيغۇر تىبابىتى تېرە كېسەللىكلى
5494 قورساق كۆپۈش ،تاماق سىڭمەسلىك ،
4655 تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ئۆپكىن
3742 بەل ئۇمۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش
2902 ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ئادەمگە
  ئىلان بىرىڭ تور دۇكىنىمىز بىز ھەققىدە  
 

شىنجاڭ قاراقاش ناھىيە تىببى دەست ۇر ئۇيغۇر تىبابىتى

بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار تىببى كىتاب ۋە تور دۇنياسىدىن يىغىۋېلىنغان . نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز ئالاقىلىلىشىڭ . ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز .